ئادريان زېنزنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى» ناملىق دوكلاتىدىكى دۇنيانى چۆچۈتكەن ئۇچۇرلار (2)

خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەنگەن كارتونگېرمانىيەلىك ئىنسانشۇناس، دوكتور ئادريان زېنزنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى: بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە تەھلىل» سەرلەۋھىلىك ئىلمىي دوكلاتى 2021-يىلى 3-ئىيۇندا «ئوتتۇرا ئاسىيا تەكشۈرۈشى» تەھرىراتىنىڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈپ باھالىشىدىن ئۆتتى. مەزكۇر دوكلاتتا ئالاھىدە يورۇتۇلغان بىر مۇھىم نۇقتا خىتاي «ئالىملىرى» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىنى «سىياسىي بىخەتەرلىك» مەسىلىسى قاتارىدا شەرھلىشى ھەمدە خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇنىڭغا ماس تۈرلۈك سىياسىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

دوكتور ئادريان زېنزنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ جەھەتتە «بايراقدار» لىق رولىنى ئوينىغان شەخسلەرنىڭ بىرى بىڭتۇەننىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ليۇ يىلېي بولۇپ، ئۇنىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي مەسىلە نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدۇر. نوپۇس نىسبىتى ۋە نوپۇس بىخەتەرلىكى ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىكنىڭ ئاساسى. چۈنكى جەنۇبىي شىنجاڭدا خىتايلارنىڭ نوپۇستىكى نىسبىتى 15 پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدۇ» دېگەن كۆزقارىشى كۆپلىگەن «ئاكادېمىك» لەرگە يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي مۇتەخەسسىسلەردىن «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېميەسى» قارمىقىدىكى جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى لى شياۋشيا 2017-يىلى «شىنجاڭدىكى نوپۇس مەسىلىسى» تېمىسىدا «ئالاھىدە تەتقىقات» بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەڭ يېڭى «ئىزدىنىشلىرى» 2021-يىلى يانۋاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئېلان قىلغان مەخسۇس دوكلاتتىن ئورۇن ئالغان. بۇ دوكلاتتا ئادريان زېنزنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش سۈرئىتىنى تېببىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق زور دەرىجىدە چەكلىگەن» دېگەن خۇلاسىسىگە ھۇجۇم قىلىنغان ھەمدە بۇ ساھەدىكى خىتاي «ئالىملار» نىڭ نەقىل ئالىدىغان ئەڭ ئاساسلىق ماتېرىيال مەنبەسى بولۇپ قالغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دوكتور ئادريان زېنز مۇنداق دەيدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەققىدىكى تىۋىتتېر ئۇچۇرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەنگەن كارتون.

«ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە لى (شياۋشيا) مۇشۇ نۇقتىنى بەكرەك تالاشتى. ئۇ بۇ ھەقتە ئېنىق قىلىپ ‹مىللىيلار بىلەن خىتايلارنىڭ نوپۇس پەرقى بارغانسېرى زورىيىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلا مىللەت بىرلا جايغا مەركەزلىشىپ قېلىشتەك ھادىسە كېلىپ چىقماقتا. ئوخشىمىغان مىللەتلەر ۋە مەدەنىيەتلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ئالمىشىشنىڭ بولماسلىقى سەۋەبىدىن مىللەت، دىن ۋە تېررىتورىيە بىرلا نۇقتىغا مەركەزلىشىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلا مىللەت بىرلا تەۋەلىكنى ئىگىلەيدىغان ھالەت كېلىپ چىقىپ جۇڭخۇا كىملىكىنى تونۇش مەسىلىسىنىڭ يېتەرسىز بولۇشىغا يول ئېچىلىۋاتىدۇ. بۇ بولسا ئۇزۇن مەزگىللىك مۇقىملىق ۋە تىنچلىققا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ› دېدى. ئۇنىڭ پىكىرى بويىچە بولغاندا، رايوندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ نوپۇس جەھەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىقى تېخىمۇ زور سىياسىي خەتەرگە يول ئاچىدۇ. بۇ خىل بىرلا دىندىكى بىرلا مىللەت بىرلا رايونغا مەركەزلىشىپ قېلىشتەك ھادىسە ئېنىقكى سىياسىي ئىدارە قىلىشنى رەت قىلىدۇ. ئاشۇ ‹ئالىملار›نىڭ مۇشۇنداق تەشەببۇسلىرى تۈپەيلىدىن شىنجاڭدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خىتاي بولمىغان مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا تۇغۇتنى چەكلەش كۈرىشىنى باشلىدى. بۇ ھەرىكەت ‹نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش› ياكى ‹نوپۇس قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش› دېگەندەك ناملاردا ئەمەلگە ئاشتى. بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەردە ‹نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش›تىكى ئىككى مۇھىم نىشاننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك بىخەتەرلىك بولىدىغانلىقى ئېنىق تەكىتلەنگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك نوپۇس پىلانى تۈزۈپ چىقىش، ناھىيەلەردىكى يېڭىدىن تۇغۇلىدىغان بوۋاقلار سانىنى ماكرو جەھەتتە كونترول قىلىش، ئالاھىدە ئەھۋالدا باشقا بوۋاقنى تۇغۇش ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ياخشى باشقۇرۇش دېگەندەك ۋەزىپىلەر ھەرقايسى ناھىيەلەرگە يۈكلەندى.»

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەنە شۇ تەرىقىدە 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇسنىڭ كۆلىمى، زىچلىقى ۋە كۆپىيىش نىسبىتى تەبىئىي ھالدا «دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت» دېگەن يېتەكچى ئىدىيە تەدرىجىي ھالدا باش كۆتۈرگەن. نەتىجىدە «شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇشتىن باشقا ئۇسۇل يوق» دېگەن قاراشقا سورۇن ھازىرلانغان. بۇنىڭدا ئاشكارا ھالدا «مىللىي نوپۇسنىڭ تەركىبى بىرلا مىللەتكە مەركەزلىشىپ قالغان. شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق نوپۇس قۇرۇلمىسىدىن ئۈلگە ئېلىش لازىم» دېگەن چاقىرىق ئوتتۇرىغا چىققان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشكەن تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خۇلاسىلىرى بولسا مۇنداق تۆت نۇقتىغا مەركەزلەشكەن: بىرىنچى، ئۇيغۇرلارنىڭ بەكلا مەركەزلىك ماكانلىشىشى نامراتلىق ۋە ئىشسىزلىققا سەۋەبچى بولۇپ قالغان، بۇ بولسا مۇقىمسىزلىققا شارائىت ياراتقان. بۇنىڭ بىلەن غايەت زور ساندىكى بۇ ئىشسىز ياشلار ھازىرقى تۈزۈمگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغان؛ ئىككىنچى، ئۇيغۇرلار بەكلا مەركەزلىشىپ قالغان رايونلاردا دىنىي ئەسەبىيلىك ئەۋج ئالغان، بۇ بولسا تېررورلۇققا يول ئاچقان؛ ئۈچىنچى، بىرلا مىللەت توپلىشىپ قالغان رايونلاردا جۇڭخۇا كىملىكىنى ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتنى تونۇش ئەمەلگە ئاشمىغان؛ تۆتىنچى، بىرلا مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ئۆز نۆۋىتىدە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە چېگرا رايوننىڭ ئامانلىقىغا تەھدىت پەيدا قىلغان.

خىتاي «ئالىملىرى» نىڭ ئەنە شۇ خىلدىكى خۇلاسىلىرى ئاساسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەن نامدا ئۇيغۇرلارنى «ئىشچىلار قوشۇنى» سۈپىتىدە خىتاي ئ‍ۆلكىلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشلىغان. ئەمما بۇنىڭ بىلەنلا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشمايدىغان بولغاچقا خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۆلەمدە خىتاي كۆچمەنلىرىنى تارىم ۋادىسىغا كۆچۈرۈپ كېلىشنى باشلىغان. بۇ بولسا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭدا مىللەتلەرنىڭ سىڭىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» دېگەن چاقىرىقىنى «دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسى» دەپ قاراشتا ئىپادىلەنگەن. بۇنىڭ ئىپادىسى ئەڭ دەسلەپتە ئۇيغۇرلارنى خىتايلار بىلەن ئارىلاش ئولتۇراقلاشتۇرۇش، مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش دېگەندەك شەكىللەردە ئەمەلگە ئاشقان. شۇ ۋاقىتلاردا بىر قىسىم خىتاي «ئالىملىرى» بۇنى تېررورلۇقنى تۈگىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق ئىستراتېگىيە، دەپ جاكارلىغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئادريان زېنز مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئالساق ‹شىنجاڭدا تېررورلۇقنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن بۇ خىل تېررورلۇققا زۆرۈر بولغان تۇپراقنى يوقىتىش، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە لازىملىق شارائىتنى يوقىتىش، تېررورچىلار جىنايەت سادىر قىلىدىغان مۇھىتنى يوقىتىش ئەڭ مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن نوپۇس قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش، نوپۇسنىڭ سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش، مىللەتلەر ئارا مەدەنىيەتنىڭ سىڭىشىشىنى ئالغا سۈرۈش، قانۇنىي ئاساسنى كۈچەيتىش دېگەندەك تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ› دېگەن قۇرلارنى كۆرىمىز. ئۇلار بۇنى ئائىلە، مەھەللە ۋە ناھىيە بىرلىكلىرى بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەكىتلىگەن. ئۇلار مۇشۇ يوسۇندىكى نوپۇس تەركىبىنى ‹ئەلالاشتۇرۇش› ۋە ئاھالىنىڭ سۈپىتىنى ‹ياخشىلاش› تەدبىرلىرىنى ‹شىنجاڭدىكى تېررورلۇقنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىشنىڭ كاپالىتى› دەپ شەرھلىگەن. بۇنىڭدا ئاھالىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدا ئومۇميۈزلۈك شالاڭلىتىش تەدبىرى قوللىنىلغان. بۇ خىل نوپۇس شالاڭلىتىشتا مۇھىم نۇقتىلار ‹كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان› ئامىللارنى مۇھىم نىشان قىلغان. بۇنىڭ بىلەن تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر، تۆۋەن مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەنلەر، ئۇيغۇر مىللىي كىملىك چۈشەنچىسى بەكلا كۈچلۈك بولغانلار، مۇنداقچە ئېيتقاندا دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە باشقا ‹جىنايەت›لەرنىڭ تەسىرىگە ئاسانراق ئۇچرايدىغان كىشىلەر قارىغا ئېلىنغان.»

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى «مەدەنىيەت تېررورلۇقىغا قارشى تۇرۇش» دەپ ئاتىغان بۇ كۈرەشتە «كۆپ خىل مىللەت قۇرۇلمىسىغا ئىگە رايونلاردا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرمەيدۇ» دېگەن قاراشمۇ ئالاھىدە بازار تاپقان. بۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ماكانلاشقان رايونلارنى «بىرلا مىللەت نوپۇستا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان» ماكان بولۇشتىن مەھرۇم قالدۇرۇشتا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى شالاڭلىتىش ئەڭ مۇھىم چارە بولۇپ قالغان. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بولسا «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غايەت زور ساندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈرىشىدىكى ۋاسىتىچى بولۇش رولىنى ئوينىغان. خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچمەن بولۇپ بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بىكارلىق تېرىلغۇ يەر، بىكارلىق ئۆي، ھەقسىز مائارىپ ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىدا خىزمەت قىلىش دېگەندەك كۆپلىگەن «ئېتىبار بېرىش» چارىلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلغان. 2011-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بىڭتۇەن تەۋەسىدىكى كۆپەيگەن نوپۇس 650 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ 95 پىرسەنتى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن كىشىلەر بولغان. 2019-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا خىتاي ھۆكۈمىتى «جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى بىڭتۇەن سىستېمىسىنىڭ نوپۇسىدا 69900 كىشى كۆپەيدى» دەپ ئېلان قىلغان. دەرۋەقە بۇ يوسۇندا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۈز مىڭلاپ كۆچۈپ كەلگەن ئاھالىنى ئۆزلىرىنىڭ ۋەدىسى بويىچە يەر، ئۆي، خىزمەت بىلەن تەمىن ئېتىش ئۈچۈن بىڭتۇەنلەر غايەت زور ئىقتىسادىي سېلىنمىغا موھتاج بولغان. شۇ سەۋەبتىن ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەنلەرگە ئاجراتقان ئىقتىسادىي خىراجەت يىلسېرى غايەت زور سوممىدا ئېشىپ ماڭغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئادريان زېنز مۇنداق دەيدۇ:

«خىتاي نوپۇسىنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان خىتاينى جەنۇبىي شىنجاڭغا كۆچۈردى. مەسىلەن، 2022-يىلى ئۈچۈنلا ئۇلارنىڭ مەخسۇس لايىھىسى بولۇپ، بۇنىڭدا شۇ ۋاقىتقا بارغاندا 300 مىڭ خىتاي ئاققۇننى بۇ جايلارغا ماكانلاشتۇرۇپ بولۇش پىلانلانغان. ئەمما بۇنىڭدا ئۇلار كۆپلىگەن مەسىلىلەرگە يولۇقتى. چۈنكى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ئېكولوگىيەلىك جەھەتتىن ئالغاندا ئەڭ ئاجىز ۋە نازۇك بىر رايون. يەنە كېلىپ بۇ رايوندا تېرىشقا بولىدىغان يەر ۋە سۇ مەنبەسى بەكلا قىس. بۇنداق ئەھۋالدا سانائەت تەرەققىياتىنى يولغا قويۇش ئېنىقلا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تەبىئىي بايلىقلارنىڭ مىقدارىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە خىتاي ئالىملىرىنىڭ ئۆزلىرىلا 2015-يىلى ‹شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى رايوننىڭ بېقىش قۇۋۋىتىدىن ئىككى مىليون ئۈچ يۈز مىڭ كىشى ئېشىپ كەتتى› دەپ ئېلان قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى مەبلەغ بىلەن تەمىن ئەتكەن يەنە بىر تەتقىقات تۈرىدە ئۇيغۇرلار مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان خوتەن رايونىنىڭ نوپۇسى نورماللىقتىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، بۇنىڭ 2008-يىلىلا ئاللىقاچان ‹قىزىل ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى›دىن ھالقىپ كەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. بۇ خىلدىكى ‹نوپۇسى ئېشىپ كەتكەن› رايونلار پۈتۈنلەي جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق رايونلىرىدا. بۇنداق ئەھۋالدا مىليونلىغان خىتاينى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئاللىقاچان نوپۇستا تويۇنۇش دەرىجىسىگە يېتىپ بولغان رايونلارغا كۆچۈرۈش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا بىر چارە تاپمىسا بولمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىققان. شۇ سەۋەبتىن ‹نوپۇسنى شالاڭلىتىپ ئەلالاشتۇرۇش›نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ‹ئۇيغۇر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش› تەدبىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنىڭ بىلەن 2017-يىلىدىن باشلاپ ‹ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش› نامىدا غايەت زور كۆلەمدە ئۇيغۇرلارنى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىن يۆتكەش باشلاندى. كېيىنچە بولسا لاگېرلاردىكى ئەرلەرنى نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىدى. مەجبۇرىي ھالدا يۆتكەلگەن ئاياللار ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىن تارتىپ ئەنئەنىۋى شەكىلدە ئائىلە مۇھىتىدىن ئايرىلماي كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئەمدىلىكتە توقۇمىچىلىق ساھەسىگە پۈتۈن كۈنلۈك ئىشلەيدىغان ئىشچى بولۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.»

خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى تېرىلغۇ يەر، سۇ ۋە باشقا بايلىقلارنىڭ تەقسىملىنىشى ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان، بىر قىسىم خىتاي ئالىملىرى «نوپۇسنىڭ زىيادە كۆپىيىپ كېتىشىگە قارىتا جىددىي تەدبىر قوللىنىلمىسا ئېغىر ئاپەتكە سەۋەب بولىدۇ» دەپ كۆرسىتىۋاتقان ئەھۋالدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق ھالدا نوپۇس كۆچۈرۈشنى مۇھىم خىزمەت قاتارىدا تۇتقان. توختىماستىن كۆچۈپ كېلىۋاتقان بۇ يېڭى نوپۇسقا ھاياتلىق ماكانى تەييارلاش ئۈچۈن ئۇلار ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشچىلىققا يۆتكەشتىن باشقا ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلىشنىڭ يېڭى ۋاسىتىسى — تۇغۇت كونتروللۇقىنى ئىجرا قىلغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ