ئادريان زېنزنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى» ناملىق دوكلاتىدىكى دۇنيانى چۆچۈتكەن ئۇچۇرلار (1)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئانتروپولوگىيە (ئىنسانشۇناسلىق) ساھەسىدىكى ئالىملاردىن گېرمانىيەلىك دوكتۇر ئادريان زېنز يېقىنقى مەزگىللەردە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە دائىر تەتقىقاتلىرى بىلەن غەرپ دۇنياسىدىكى كۆپلىگەن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ، جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ سانلىق مەلۇمات «مەنبەسى» بولۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭدا ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان ئەستايىدىللىقى بىلەن بىرلىكتە ئۆزى خۇلاسە چىقارغان تېمىلارنىڭ ماتېرىيال ئاساسىنىڭ رەسمىي يوسۇندىكى مەنبەلەردىن كەلگەن بولۇشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدۇ.

ئۇنىڭ ئەنە شۇ خىل تەلەپ ئاساسىدا تەييارلاپ چىققان «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى: بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە تەھلىل» سەرلەۋھىلىك ئەڭ يېڭى دوكلاتى 3-ئىيۇن كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللارنىڭ بىرى بولغان «ئوتتۇرا ئاسىيا تەكشۈرۈشى» (Central Asian Survey) ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ رەسمىي تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتكەن. تاپشۇرىۋېلىنغان ماقالىلارغا نورمالدا ئىككى، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ مۇتەخەسسىس باھالاپ تەقرىز يازىدىغان مەزكۇر ژۇرنال تەھرىراتى دوكتۇر ئادريان زېنزنىڭ ئىلمىي ماقالە شەكلىدىكى بۇ دوكلاتىدا يورۇتۇلماقچى بولغان تېما ۋە ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنىڭ تولىمۇ سەزگۈر ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنى تۆت مۇتەخەسسىسكە تەكشۈرۈپ باھالاشقا يوللاپ بەرگەن. بىر-بىرىگە ناتونۇش بولغان تۆتەيلەننىڭ باھالىرى مەزكۇر دوكلاتنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭدىكى پىكىرلەرنىڭ ۋە خۇلاسىنىڭ تولۇق ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرغان.

مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ۋە مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان نازۇك تېمىلاردىن بولۇش بىلەن بىرگە بۇ رايوندىكى كۆپلىگەن توقۇنۇشلارنىڭ پىلتىسى بولۇپ كەلگەن ئىكەن. بولۇپمۇ خىتايدا ئۇزۇن يىللاپ ئىجرا بولغان «بىرلا پەرزەنتلىك بولۇش» تەك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ 2016-يىلى بىكار قىلىنىشى بىلەن خىتايلارنىڭمۇ ئ‍ۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىغا شارائىت يارىتىلغان. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىنكى نوپۇس كونتروللۇقى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى نامايەن قىلغان. نەتىجىدە 2018-يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرىغا چىققان «قانۇنسىز پەرزەنتلىك بولۇشنى نۆلگە چۈشۈرۈش ھەركىتى» جەريانىدا ئىككى يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر نوپۇسى بار بولغان خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدە «قانۇنسىز تۇغۇتنىڭ سانى 21 بوۋاقتىن ئېشىپ كەتمەسلىك» تەك خىزمەت نىشانى ئېلان قىلىنغان.

بۇنىڭغا ماس ھالدا 2018-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا ھەر يۈز مىڭ ئايالدىن 243 كىشى مەجبۇرىي تۇغماسلىق ئ‍وپېراتسىيەسى قىلدۇرۇلغان. ھالبۇكى، شۇ يىلى پۈتكۈل خىتاي تەۋەسىدە بۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ھەر يۈز مىڭ خىتاي ئايالدا پەقەتلا 33 كىشى بولغان. 2019-يىلىغا كەلگەندە خوتەن تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى مەجبۇرىي تۇغماسلىق ئ‍وپېراتسىيەسى قىلىش پىلانلانغان. شۇ يىلىنىڭ ئاخىرى لاگېر شاھىدلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىقنىڭ بايانلىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش يېشىدىكى پۈتۈن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماسلىق ئ‍وپېراتسىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە بۇيرۇق ئېلان قىلغانلىقى مەلۇم بولغان.

لوندون شەھرىدە ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنىنىڭ تۆتىنچى كۈنى، يەنى 7-ئىيۇن كۈنى دوكتۇر ئادريان زېنز بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۆتكەن ئۈچ يىل ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇغۇت نىسبىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ھالدا تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «2015-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەتتە نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى 73 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. بۇ ھال 2019-يىلىمۇ ئىزچىل داۋام قىلغان. بولۇپمۇ ‹ئاز سانلىق مىللەتلەر› ئاساسلىق نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان ناھىيىلىرىدە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى 50 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتكەن. خىتاي ناھىيىلىرىدە بولسا بۇ سان 20 پىرسەنت بولغان. ئەمما شۇ يىلى پۈتكۈل خىتايدىكى نوپۇسنىڭ كېمىيىشى پەقەت تۆت پىرسەنت بولغان. نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ئاستىلىغان بولسىمۇ، بۇ ناھىيەلەردىكى ئۆلۈم نىسبىتى بۇرۇنقىغا ئوخشاش داۋام قىلغان. بۇنداق ئەھۋالدا شۈبھىسىزكى، نوپۇسنىڭ تۆۋەنلىشى تېخىمۇ تېز بولىدۇ، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى بولسا نۆل بولىدۇ. بىر قىسىم ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەرنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش سۈرئىتىنىڭ 2018-يىلىدىكى 5. 19 پىرسەنتتىن 2019-يىلىغا كەلگەندە 1. 66 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭ شىنجاڭ ياكى پۈتكۈل خىتاينىڭ ئورتاق سەۋىيىسىدىن كۆپ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم بۇ سان-سىفىرلار ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىل غايەت زور تۆۋەنلەشنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئۇزۇن مەزگىللىك مۇددىئاسىدۇر. مېنىڭ قارىشىمچە، كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ بۇ خىلدىكى نۆلدىن تۆۋەن بولۇش ھادىسىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك مىللەتلەر سىياسىتى بىلەن بىۋاستە ھالدا ئوڭ تاناسىپ چىقىدۇ. 2017-يىلى ئۇيغۇر رايونىدىكى ‹يېڭى نوپۇس پىلانلاش خىزمەت ئىشخانىسى› نىڭ بىر قېتىملىق خىزمەت خاتىرىسىگە ‹باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مىللىي نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى تەتقىق قىلىش ۋە يۈكسەلدۈرۈش ھەققىدىكى مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تولۇق ئەمىلىلەشتۈرۈش خىزمەت يىغىنىنىڭ خاتىرىسى› دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.»

دوكتۇر ئادريان زېنزنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەنە شۇ تەرىقىدە «مىللىي نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش» چاقىرىقى بېيجىڭدىن كېلىۋاتقان ئاشۇ خىل «ئالىي يوليورۇق» نىڭ بىۋاستە يېتەكچىلىكىدە تېزدىن ئىجرا بولۇشقا باشلىغان. بۇ خىل «نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش» ئاتالغۇسى ھەرقاچان تېرورلۇق مەسىلىسىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى دائىملىق ئىبارىلەردىن بولۇپ، بۇنىڭ نېگىزى ھەرۋاقىت تۇغۇت نىسبىتىنى كونترول قىلىشتا ئۆز ئەكسىنى تاپقان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى «مۇتەخەسسىسلەر» دىن بۇ ساھەدە ئاكتىپ رول ئويناۋاتقانلارنىڭ بىرى تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى چېگرا رايون تارىخ-جۇغراپىيەسى ئىنستىتۇنىڭ باشلىقى لياۋ جاۋيۈ ئىكەن. ئۇ 2015-يىلىلا «ھۆكۈمىتىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلماقچى بولىدىكەن، جەزمەن ئاھالىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىشى لازىم» دەپ كۆرسەتكەن. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە بولسا ئۇ مەخسۇس ئەسەر يېزىپ «شىنجاڭدىكى تىنچسىزلىق ۋە تېررورلۇقنىڭ تۈپكى سەۋەبلىرىنىڭ بىرى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ زىيادە مەركەزلىشىپ ئ‍ولتۇراقلىشىشىدۇر» دەپ خۇلاسە چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بۇ رايونغا ماكانلىشىشى ھەققىدە توختىلىپ: «جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ نوپۇس نىسبىتىدە ئادەم ئىشەنگۈسىز تەڭپۇڭسىزلىق مەۋجۇت،» دېگەن. 2017-يىلىغا كەلگەندە بولسا «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھازىرقى نوپۇس قۇرۇلمىسى مۇقىملىق ۋەزىيىتى ئۈچۈن زىيانلىق. بۇنى تۈگىتىشنىڭ بىر مۇھىم تەدبىرى خىتاي كۆچمەنلىرىنى زور كۆلەمدە بۇ رايونغا ماكانلاشتۇرۇش» دەپ كۆرسەتكەن. بېيجىڭدىكى يەنە بىر خىتاي مۇتەخەسسس شۈ جيەنيىڭ بۇنىڭغا تېزدىن ئاۋاز قوشۇپ: «شەرقىي تۈركىستان تېرورلۇق تەھدىتىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن دۆلىتىمىز جەزمەن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نوپۇس قۇۇرلمىسىنى ئۆزگەرتىشى لازىم» دېگەن.

مۇشۇنىڭ ئۆزى ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇس ۋە تۇغۇت نىسبىتى ھەققىدىكى سان-سىفىرلارنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستا يوليورۇقلىرى ئاساسىدىكى لايىھە بويىچە مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي مۇتەخەسسسلەرنىڭ «تېرورلۇق بىلەن مىللىي نوپۇس قۇرۇلمىسى زىچ باغلىنىشلىق» دېگەندەك ئورتاق قارىشى كۆپلىگەن «سىياسيون» لارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. بۇ جەھەتتە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان كىشىلەرنىڭ بىرى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ليۇ يىلېي بولغان. 2020-يىلى پۈتۈن خىتايدىن يىغىلغان 300 مۇتەخەسسىسنىڭ باش قوشۇش يىغىنىدا ئۇ «شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ساھەلەردە كۆپلىگەن ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولساقمۇ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل بولغىنى يوق» دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دوكتور ئادريان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «ليۇ يىلېينىڭ پىكرىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزى ئاھالىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق. نوپۇسنىڭ تەركىبى قىسمى ھەمدە نوپۇس بىخەتەرلىكى ئۇزۇن مەزگىللىك مۇقىملىقنىڭ ئاساسى ۋە كاپالىتى. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بىۋاستە مەبلەغ بىلەن تەمىن ئەتكەن بۇ تەتقىقاتلار ۋە ‹ئالىم› لارنىڭ خۇلاسىسى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ نىسبىتى بەكلا تۆۋەن. ھازىر بۇ سان 15 پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدۇ. بۇ خىل نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىقى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ يادرولۇق مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ مۇشۇنداق دەپ قارايدۇ ھەمدە مۇشۇنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان بۇ رايوندا خىتايلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 2018-يىلى سەككىز پىرسەنت ئەتراپىدا بولغان. ليۇ يىلېينىڭ بۇ مەلۇماتى بايىنغولىن ئوبلاستىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2018-يىلىغا كەلگەندە ليۇ يىلېي يەنە بىر قېتىم پىكىر بايان قىلىپ: ‹شىنجاڭنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى ۋە مىللەتلەر قۇرۇلمىسى پەقەتلا قاملاشمىغان بىر شەكىل ئېلىپ قالغان› دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە ‹شىنجاڭ رايونى جەزمەن نوپۇس قۇرۇلمسى ۋە مىللەتلەر قۇرۇلمىسى مەسىلىلىرىنى قايتىدىن ئويلىنىپ كۆرۈشى، بولۇپمۇ بۇنى دۆلەت بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن ئويلىشىشى لازىم› دېگەن.

خىتايدىكى «ئالىملار» بىلەن «سىياسىيونلار» نىڭ مۇشۇنداق بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسى ۋە مىللەت قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنىڭ يول خەرىتىسى ئەنە شۇ تەرىقىدە سىزىپ چىقىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنى چەكلەشنىڭ پۈتكۈل خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇزاقنى كۆزلىگەن مەنپەئەتى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم گەۋدىلەنگەن.

بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ