ئانالىزچىلار: «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى خىتاينىڭ جىنايىتىنى تارتىپ چىقىپ، ئۇنى خەلقى ئالەمگە رەسۋا قىلىشنى داۋام قىلىدۇ»

خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭدا ئاخبارات يىغىنى ئېچىپ، ئەنگىلىيەدىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» گە ھۇجۇم قىلغان

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا 4-ئىيۇندىن 7-ئىيۇنغىچە ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشقاندىن كېيىن بەزى تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە سىياسىي مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنغان.

يېقىندا ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «كۆزەتچى» ژۇرنىلىدا «خىتاي چوقۇم ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىدىن ئەندىشە قىلىشى كېرەك» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى، ئورنى، رولى ۋە خىتاينى ئەندىشىگە سالىدىغان سىياسىي ئامىللار ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن.

ماقالىنىڭ بېشىدا ئاپتور ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «بىر ئاڭلاشقا ھۆكۈمەت ئورگىنىدەك تۇيۇلىدىغان ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى ھەققىدە چىققان خەۋەرلەر شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان ۋەھشىيلىك، قىيىن-قىستاق ۋە خورلۇقلارنى ئاڭلاتتى. ئەمما بۇ قانداق سوت، ئۇنىڭ ئورنى نېمە؟ بۇنىڭ جاۋابى بەلكىم كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن. ئۆزىنىڭ ئادىللىقى بىلەن مەشھۇر بولغان ئادۋوكات جېففىرى نايىس گەرچە بۇ سوتنىڭ رەئىسى بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىرەر ھۆكۈمەتتە ۋەزىپىسى يوق. بۇ سوتنىڭ يەنە رەسمىي يىغىنلىرى ۋە بىر مۇنچە قانۇنىي تەرتىپلىرى بار. بۇ سوت يەنە خىتاينىڭ غەربىي رايونىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى رەسمىي تەكشۈرىدۇ».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە خانىم ئۇيغۇر سوتىغا ئالتە ئاي پۇختا تەييارلىق قىلىنغانلىقىنى ۋە تەسىرىنىڭ چوڭ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ سوت كوللېگىيەسى چىقىرىدىغان قارارنىڭ بىرەر ئىجرائات ۋە قانۇنىي چەكلەش كۈچى بولمىغىنى بىلەن، ئۆز نوپۇزى بىلەن خىتاينىڭ جىنايىتىگە ھۆكۈم بېرىشتە ۋە خەلقئارانىڭ پىكىر ئېقىمىغا تەسىر كۆرسىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر سوتىنىڭ ئېچىلىشىنى غەربنىڭ ئويۇنى دەپ كۆزىگە ئىلمىغان ۋە ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتمىگەن بىلەن ئۇنىڭ خەلقئارا تەسىرىدىن قاتتىق بىئارام بولۇۋاتقان بولۇپ، ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ سوتتا خىتاينى ئەندىشىگە سالىدىغان نۇرغۇن ئامىللار مەۋجۇت ئىكەن. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا، بۇ سوتتا خىتاي كومپارتىيەسى ئەنسىرىگۈدەك ئىشلار بار. ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئارقىسىدا تەجرىبىلىك ئادۋوكات ۋە سوتچىلاردىن تەشكىل تاپقان نوپۇزلۇق بىر تەشكىل بار. يەنە كېلىپ بۇ سوتتا ئىشەنچلىك جىنايەت پاكىتلىرى خاتىرىلەندى ۋە يېقىنلىشىش قىيىن بولغان بۇ قورقۇنچلۇق ھاكىمىيەتنىڭ قەبىھ قىلمىشلىرى سوغۇققانلىق بىلەن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىدى. خىتاي بۇ ئىشقا قارشى بىر مەيدان تەشۋىقات ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرغان تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى بۇ دەۋادا يەنىلا كۆپ ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە».

سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر سوتىدىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ سوت كوللېگىيەسىدىكى سوتچىلارنىڭ خەلقئارا قانۇن ساھەسىدىكى نوپۇزى يۇقىرى، گەرچە بۇ خەلق سوتى بولسىمۇ ئۇنىڭدا چىقىرىلغان يەكۈن خەلقئاراغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھۆكۈم بولىدۇ، خىتايغا چوڭ بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. خىتاي ئاخىر ئەيىبلىنىپ چىقىدۇ، شى جىنپىڭ، چېن چۈەنگو قاتارلىق جىنايەتچىلەر مەيلى تارىخىي سوت بولسۇن، ياكى ئەمەلىي سوت بولسۇن ھامان تارتىپ چىقىلىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا قانۇندىن پايدىلىنىپ ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشتا باسقان مۇھىم بىر قەدىمى» دېدى.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، سوت كوللېگىيەسى ھۆكۈمەت ۋە خەلقئارا قانۇن ئورگانلىرىدىن مۇستەقىل بولۇپ، ئۇنى خىتايغا قارشى دۆلەتلەرمۇ قوللىيالمايدۇ، خىتايمۇ ھەم ئۇنى خىتايغا قارشى غەرب دۆلەتلىرى كونترول قىلىۋالغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ سوتى دەپ جاكارلىيالمايدۇ. بەلكى بۇ سوت كوللېگىيەسى خىتاي ئەڭ قورقىدىغان پىكىر ئەركىنلىكى ۋە جامائەت ئېڭىنى نامايان قىلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بۇ سوتنىڭ ئېچىلىشى ۋە قارار بېرىشى خىتاينىڭ ھاكىممۇتلەق، قەبىھ سىياسىتىنى تەنقىد قىلىشتىن قورقمايدىغان كىشىلەرگە ۋە ھەققانىيەتچى سىياسىيونلارغا ئىلھام بېرىدۇ. بۇ سوتنىڭ ئادالەت مەيدانىدا تۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرىشى خىتايغا پايدىسىز بولىدۇ ۋە خىتاي بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرىمەي تۇرالمايدۇ.

رەھىمە خانىم بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر سوتىغا قاتناشقان گۇۋاھچىلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ سوتقا چىقىش تەرتىپىنىڭ ناھايىتى پۇختا، ئەتراپلىق، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بايانىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېغىر ۋەزىيەتنى روشەن كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى، بۇ سوتنى نەق مەيداندا ياكى توردا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ھەقىقەتەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقانلىقىغا شەكسىز ئىشەنگەنلىكىگە شاھىت بولغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «چۈنكى بۇ سوت ناھايىتى سۈپەتلىك بولدى، سوتچىلار تەرەپسىز ھالدا كۈچلۈك سوئاللارنى سورىدى، گۇۋاھچىلار بىلەن تەتقىقاتچىلارمۇ ياخشى جاۋاب بەردى. كەيپىيات ئېچىنىشلىق، ئەمما تەسىرلىك بولدى، ئومۇمەن ئېيتقاندا، بۇ سوت مەن ئەنگلىيەدە قاتناشقان سوتلار ئىچىدە مەن ئەڭ رازى بولغان سوت ھېسابلىنىدۇ».

خىتايغا پايدىسىز ئامىللار ھەققىدە ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئالدى بىلەن، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مۆجىزىسىنىڭ داۋاملىشىشى غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاي ماللىرىنى ھېچ تەنقىدسىزلا سېتىۋېلىشىغا، بەلكى تېخىمۇ كۆپ مىقداردا سېتىۋېلىشىغا تايىنىدۇ. ئەمما مەيلى ھۆكۈمەت ياكى شەخس ئۈچۈن بولسۇن، خىتايغا ياخشىلىق قىلىۋېرىشنىڭمۇ بىر چېكى بار. خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسى مەسىلىسىدە يالغانچىلىق قىلىشى غەربنىڭ ياخشى نىيىتىنىڭ سەۋر قاچىسىنى توشقۇزۇپ بولدى. يەنە كېلىپ غەرب دۆلەتلىرى ئىقتىسادتا خىتايغا بېقىنىپ قېلىشتىن بارغانچە ئەنسىرىمەكتە. ئەگەر غەرب دۆلەتلىرى بۇ ئىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلسا، خىتاينىڭ 3-دۇنيا ئەللىرىگە بەرگەن ئوبرازى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى «ئەگەر خىتاي ئۆز دۆلىتىدىكى باشقا مىللەتلەرگە مۇشۇنداق قەبىھ مۇئامىلە قىلسا، خىتايغا قەرزدار بولغان بىزدەك چەت ئەللىكلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلامدۇ؟» دەپ ئويلاشقا باشلايدۇ.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ بۇ يىل ئاخىرىغىچە چىقىرىدىغان قانۇنىي ھۆكۈمىنىڭ 3-دۇنيا ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرىگە بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي بىلەن مەلۇم جەھەتتىن ئارىلىق ساقلاشقا سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رەھىمە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 9-ئايدا ئېچىلىدىغان 2-قېتىملىق ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىدە خىتاينىڭ يېقىنقى سىياسىتىنى تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ئاساس قىلىنىدىكەن، ستاتىستىكىلىق مەلۇمات، بولۇپمۇ لاگېرلارنىڭ سانىنى ئېنىقلاش مۇھىم كۈنتەرتىپكە قويۇلىدىكەن.

يۇقىرىقى ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىگە ئوخشاش سوتلار بۇرۇنمۇ ئېچىلغان بولۇپ، 2013-يىل ئېچىلغان بىر سوتتا، ئىراننىڭ «ئىران ئىنقىلابى» دىن كېيىن ئېلىپ بارغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى تولۇق پاكىتلىرى بىلەن خاتىرىلەنگەن. 2019-يىل ئېچىلغان بىر سوتتا، خىتاينىڭ ئورگان ئەتكەسچىلىكى دوكلات قىلىنغان. بۇ سوت ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانى ۋە ئادالەت تۇيغۇسىغا خىتاب قىلىدىغان سوت بولۇپ، سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى ياكى جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش جەھەتتە بولسۇن، خەلقئارادىكى ئادالەتپەرۋەر كۈچلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىش ۋە ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش رولىنى ئوينايدىكەن.

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

DUK Vakfı

Erkin kullaniyor .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ