ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە بولغان تەسىرى

يېقىنقى يىللاردا تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئاسىممېترىك ھالغا كېلىشىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە، تۈركىيەنىڭ بۇ ئىنكاسچىل ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگىرىش ھالىتىگە كەلگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. بۇ تەتقىقات ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە، تەرەپلەرنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىشىدە داۋاملىق تەسىرى بارلىقىنى ۋە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ ماقالە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مەلۇم مەزگىللەردە ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگىرىش چەمبىرىكىدە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەتقىق قىلماقتا.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى: مەسىلىلەر ۋە چارىلەر

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) 2022-يىلى 31-ئاۋغۇستتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، «شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ئىشلار ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە چىقارغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا تېزدىن قارشى چىقىپ، «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھەقلەر ئەڭ ياخشى قوغدىلىۋاتىدۇ. بۇ دوكلات پۈتۈنلەي ئاساسسىز بايانلاردىن تۈزۈلگەن» دېگەن.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

ۋېئام لېنا: «شەرقىي تۈركىستاننى 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئىشغال قىلغان!»

«شەرقىي تۈركىستاننى 1949-يىلى كوممۇنىستىك خىتاي ئىشغال قىلغان ۋە ئۇنىڭ نامىنى ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› دەپ ئۆزگەرتكەن!»

بۇ شىۋېتسىيەدىكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ھەر قايسى كۆچمەن خەلقلەرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلاتلىرى 20-سېنتەبىر شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدا تەشكىللىگەن مۇستەملىكىچىلىك، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە فاشىزمغا قارشى «خەلق مال ئەمەس!» تېمىسىدىكى چوڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىشنىڭ ئېچىلىش نۇتقى ئىدى. نامايىش شىۋېتسىيەدىكى ئىراقلىق تەتقىقاتچى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى، بۇ قېتىملىق نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەردىن ۋېئام لېنا خالىد جامالنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نۇتقى بىلەن باشلانغان.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

«‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› نىڭ ئاشكارىلىنىشى، لاگېرلاردىكى مەۋھۇم رەقەمنى ئادەمگە ئايلاندۇردى»

ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ جانلىق كارتىنىسى بولۇپ قالغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» بۇندىن ئىككى يىل ئاۋۋال، يەنى 2022-يىلى 24-ماي كۈنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلانغان ئىدى.

داۋامىنى ئوقۇڭ

ۋىجدان بىلەن مەنپەئەت ئوتتۇرىسىكى تاللاش: 100 نەچچە دۆلەتنىڭ خىتاينى قوللىغانلىقى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوققا چىقىرالامدۇ؟

4-مارت كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتنىڭ ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ نېگىزلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى، شۇنداقلا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا چاقىردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئىشخانىسى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

9-دېكابىر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى

ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىگە جايلاشقان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلماقتا، دەپ ھۆكۈم چىقاردى. مەزكۇر سوت كوللېگىيەسى يەنە بۇ جىنايەتلەرگە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگو قاتارلىقلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق نۇقتىئنەزەرىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە نەزەر

ئاپتور: Campaign for Uyghurs

مەزكۇر دوكلات ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ تارقىتىلدى

مەزكۇر دوكلاتنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈۋېلىڭ.

ئادريان زېنزنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى» ناملىق دوكلاتىدىكى دۇنيانى چۆچۈتكەن ئۇچۇرلار (2)

خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەنگەن كارتونگېرمانىيەلىك ئىنسانشۇناس، دوكتور ئادريان زېنزنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى: بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە تەھلىل» سەرلەۋھىلىك ئىلمىي دوكلاتى 2021-يىلى 3-ئىيۇندا «ئوتتۇرا ئاسىيا تەكشۈرۈشى» تەھرىراتىنىڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈپ باھالىشىدىن ئۆتتى. مەزكۇر دوكلاتتا ئالاھىدە يورۇتۇلغان بىر مۇھىم نۇقتا خىتاي «ئالىملىرى» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىنى «سىياسىي بىخەتەرلىك» مەسىلىسى قاتارىدا شەرھلىشى ھەمدە خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇنىڭغا ماس تۈرلۈك سىياسىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

ئادريان زېنزنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى» ناملىق دوكلاتىدىكى دۇنيانى چۆچۈتكەن ئۇچۇرلار (1)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئانتروپولوگىيە (ئىنسانشۇناسلىق) ساھەسىدىكى ئالىملاردىن گېرمانىيەلىك دوكتۇر ئادريان زېنز يېقىنقى مەزگىللەردە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە دائىر تەتقىقاتلىرى بىلەن غەرپ دۇنياسىدىكى كۆپلىگەن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ، جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ سانلىق مەلۇمات «مەنبەسى» بولۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭدا ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان ئەستايىدىللىقى بىلەن بىرلىكتە ئۆزى خۇلاسە چىقارغان تېمىلارنىڭ ماتېرىيال ئاساسىنىڭ رەسمىي يوسۇندىكى مەنبەلەردىن كەلگەن بولۇشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدۇ.

داۋامىنى ئوقۇڭ…