ئۇيغۇر خانىم ئارفىيا ياپونىيىدە پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان

بۇ ياپونىيەنىڭ سىياسىي تارىخىدىكى تۇنجى ئىش. ياپونىيە مەسلىھەت كېڭىشى (سانگىيىن) سايلىمىدا شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر تۈرك ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ كاندىداتى ئارفىيا ئېرى سايلاندى. ياپونىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەڭ ياش كاندىدات دەپ ئاتالغان لىبېرال دېموكراتلار پارتىيىسى ، شەرقىي تۈركىستانلىق 33 ياشلىق ئارفىيا 23-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان راي سىناشتا ياپونىيە چىبا ئۆلكىسىنىڭ 5-رايونىغا ۋەكىللىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ياپونىيە مەجلىسىدە باشلىدى. ئارفىيا يەنە 47 مىڭدىن ئارتۇق بېلەت بىلەن سايلام رايونىدا 1-لىككە ئېرىشتى.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

قان تەقدىم قىلىش چاقىرىقى

قان تەقدىم قىلىش چاقىرىقى
شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى 6-فېۋرال كاھرامانماراش ۋىلايىتىنى مەركەز قىلغان شىددەتلىك يەر تەۋرەشتە يارىلانغانلارنى داۋالاشقا ھەسسىمىزنى قوشۇش ئۈچۈن قىزىل ئاي مەركىزىگە ياكى مۇناسىۋەتلىك تىببىي ئىدارىلەرگە بېرىپ قان تەقدىم قىلىش سەپەرۋەرلىكىگە ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرىمىز.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى

كانادا پارلامېنتى ئۇيغۇر مۇساپىرلار قارار لايىھەسىنى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى

كانادا پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسى 1-فېۋرال كۈنى بىلەت تاشلاپ، لىبېرال پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا سۇنغان خىتايدىن قېچىپ چىقىپ 3-دۆلەتتە ياشاۋاتقان خەتەر ئاستىدىكى 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرىنى كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇش قارار لايىھەسىنى بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى. مەلۇم بولۇشىچە، قارار لايىھەسىگە ھېچقانداق بىر پالاتا ئەزاسى قارشى بېلەت تاشلىمىغان، شۇنداقلا قارار لايىھەسى كىشىلەر كۈتمىگەن بىر ئەھۋالدا باش مىنىستىر ترۇدو ۋە ئۇنىڭ كابىنېت مىنىستىرلىرىنىڭمۇ قوللاپ ئاۋاز بېرىشىگە ئېرىشكەن.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

《ئۆچمەس روھ》تېمىسىدىكى پائالىيەتكە قاتنىشىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز

لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان «ئۆچمەس روھ» پائالىيىتىگە قەدەم تەشرىپ قىلىڭ!ۋاقتى: 2022- يىلى 10- ئاينىڭ 2- كۈنى، سائەت- 14:00ئورنى: فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋاكىف ئۇنىۋېرىستىتى، توپكاپى يىغىن زالىبارلىق قېرىنداشلارنىڭ ۋاقتىدا كېلىشىنى سورايمىز.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ب د ت ئېلان قىلغان دوكلات ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ب د ت ئېلان قىلغان دوكلات ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلىپ بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىنكاس چىقتى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ ئەپەندى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان ئازسانلىق مىللەتلەر توغرىسىدا تۈركىيەنىڭ خەلقئارا سورۇنلاردا تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئەنسىرەشلىرىنى تەستىقلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

ب د ت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىن» دېدى

BDT-Bachelet-Xitay-Elchisi-Bilen-Xoshlishiwatidu

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ تالاش-تارتىشتا قالغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى بىر يىلدەك كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاخىرى 31-ئاۋغۇست كۈنى جەنۋە ۋاقتى يېرىم كېچىدە ئېلان قىلىندى. ئەسلى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا تەييار بولغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ 31-ئاۋغۇست كۈنى ۋەزىپە مۇددىتى توشۇشتىن بىر قانچە مىنۇت ئاۋۋال ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۈمكىنلىكى» كۆرسىتىلگەن. 

داۋامىنى ئوقۇڭ…

«شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» دە بۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى

«شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» دە بۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى

ئىككىنچى نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» نىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى بۆلۈمىدە بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

2-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» دىكى مۇھىم نۇتۇقلار

2-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» دىكى مۇھىم نۇتۇقلار

2-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن بولۇپ، ئۇ گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە داۋام قىلماقتا.

26-مايدىن 28-ماي كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىن 200 دىن ئارتۇق پائالىيەتچى، قانۇن ۋە ئىلىم-پەن مۇتەخەسسىسلىرى، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ۋە سىياسىيونلارنى شۇنداقلا يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى بىر ئارىغا جەم قىلغان.

داۋامىنى ئوقۇڭ…

«مىشېل باچېلېت ‹قەشقەر كوناشەھەر ھۆججىتى› دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى كېرەك»

د ئۇ ق 200 تەشكىلات بىلەن ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت گە بولغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئالىي كومىسسارى مېشېل باچېلېتنىڭ 5-ئاينىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە تەكشۈرۈشكە بارىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن بېرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۇنى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتنى زىيارەتكە بېرىشتىن ئاۋال ئېلان قىلىشقا ۋە شۇنداقلا بۇ زىيارىتىنىڭ ھەقىقىي مەنىلىك زىيارەت بولۇپ خىتاينىڭ تەشۋىقات ۋاستىسىغا ئايلىنىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىپ كەلمەكتە. «قەشقەر كوناشەھەر ھۆججىتى» نىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن بۇ ھەقتىكى بېسىملار يەنىمۇ كۈچەيدى.

داۋامىنى ئوقۇڭ…